- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چەرچەن ناھىيەسىدە غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىنى مۇپاكاتلاش پائالىيىتى ئىلىپ بېرىلدى
2015.06.16 16:03 مەنبە: خەلق تورى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات نىياز خەۋىرى؛ فوتوسى؛ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت بىلەن بۈگۈنكى زامان مەدەنيىتىنى باغلاپ تۇرىدىغان، مۇئەييەن ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ئەجدادلار ئەقىل-پاراسىتىنىڭ شۆھرىتىنى ئەۋلادلارغا نامايەن قىلىدىغان، ئالاھىدە مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇقۇرى دەرىجىدىكى قېزىش، رەتلەش، تەتقىق قىلىنىش ھەتتا قايتىدىن جانلاندۇرۇپ كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، كېڭەيتىش ۋە بۈگۈنكى زامان مەدەنيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە خىزمەت قىلدۇرۇش جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىندا چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە- رادىئو-كىنو-تىلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىدە غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىنى مۇپاكاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. پائالىيەتتە غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى خىزمىتىگە يۈرەك قېنىنى سىڭدۈرگەن خادىملار، خەلق سەنئەتكارلىرى ۋە ھۈنەرۋەن كەسپداشلاردىن بولۇپ 25كىشى غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتىكى ئىلغار شەخىس بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر