باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يازلىق ئاشلىقنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى يىغىۋېلىندى

2015.06.16 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە 190 مىليون مودىن ئارتۇق يەردىكى يازلىق ئاشلىق يىغىۋېلىنىپ، ئومۇمىي كۆلەمنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، يازلىق ئاشلىق يىغىۋېلىش ھالقىلىق مەزگىلگە كىرگەن، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يىغىۋېلىشنى تېزلەتكەن. بۇغداي يىغىۋېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشتە، ئۇچۇر يەتكۈزۈش ناھايىتى مۇھىم. كومبايىننىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان سېرىق قۇتا يىراق مۇساپىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېزىش سىستېمىسى بولۇپ، سىمسىز تور ئارقىلىق، ماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى، سۇنىڭ ھارارىتى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ناھايىتى يىراقتىكى ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزىگە يەتكۈزەلەيدۇ، سانلىق مەلۇماتتا ئۆزگىرىش بولغان ھامان، دەرھال كومبايىنچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى بېرىدۇ. بۇ يىل بۇغداينى رايون ئاتلاپ كومبايىندا كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىش 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلانغاندىن بۇيان، ئومۇمىي جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىدى. 7-ئىيۇندىن 9-ئىيۇنغىچە، مەملىكەت بويىچە كومبايىندا يىغىۋېلىش كۆلىمى ئۇدا ئۈچ كۈن 23 مىليون مودىن ئېشىپ كەتتى، كومبايىنلارنى ئىشقا سېلىش مىقدارى ۋە كۈندىلىك بۇغداي ئورۇش كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى. ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە 195 مىليون 460 مىڭ مو يەردىكى كۈزگى بۇغداي يىغىۋېلىندى، %50 تىن ئارتۇق يەر تېرىلىپ بولدى، بۇغداي يىغىۋېلىش كۆلىمى يېرىمدىن ئاشتى. بۇغداي يىغىۋېلىشنىڭ يۇقىرى دولقۇنى يەنە ئون كۈن ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى پايدىلىق ھاۋا رايى شارائىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىلمىي تەڭشەپ، يازلىق ئاشلىقنى ۋاقتىدا تېزدىن يىغىۋېلىشنى ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ سەمىگە سالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر