باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فەن چاڭلوڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى، مۇۋەققەت دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

2015.06.16 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەر ۋاقتى 12-ئىيۇن ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن چاڭلوڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى رايىس ۋە مۇۋەققەت دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بۇلىنكىن بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

  فەن چاڭلوڭ بۇ يىلدىن بۇيان ئىككى ئارمىيەنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىدىن خۇشال بولدى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىق، توقۇنۇشماسلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يېڭىچە ھەربىي مۇناسىۋىتىنى پائال ئورنىتىپ، ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، خېيىم-خەتەر كىرىزىسىنى تىزگىنلەشنى تەكىتلىدى.

  رايىس ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بوشلۇقتا ئۇچراشقاندا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېڭىشىشىنى بالدۇرراق تاماملاشنى ئۈمىد قىلدى. ئىككى تەرەپ يەنە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى، تەيۋەن مەسىلىسى، تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسى قاتارلىقلار ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇردى، فەن چاڭلوڭ ئامېرىكىدىن جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە گەپ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىپ، ئوبيېكتىپ ئادىل تونۇپ ۋە مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي مۇناسىۋىتى ۋە رايون بىخەتەرلىكى مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر