باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسىدە يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبەلىرىنى قوغداش ئاساسى مۇستەھكەملەندى

2015.06.16 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ16 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى: ئىقتىسادىي ئىجىتمائىي تەرەققىيات جەريانىدا باي ناھىيەسى «سۇ بۇلغۇنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» قاتارلىق مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۈگىنىشكە ئەھمىيەت بىرىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىلگىرى-كېيىىن بولۇپ، «باي ناھىيەسىنىڭ يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرتۇش، يولغا قويۇش تەپسىلى قائىدىسى» ۋە «باي ناھىيەسىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبەلىرىنى قوغداش رايونلىرىنىڭ مۇھىتىنى بۇلغاش ھادىسىلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تارقىتىپ، يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبەلىرىنى قوغداش رايونىنى بۆلەكلەرگە ئايرىش باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈردى. «سۇ بۇلغۇنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرۇشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىپ، سۇ مەنبەلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قوغداش جەريانىدا تەرەققىي قىلىپ، تەرەققىيات جەريانىدا قوغداپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبەلىرىنى قوغداش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان 61 مىليۇن 980 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىپ، 19 سۇ زاۋۇدى قۇرۇلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر