باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بايدا «شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇش» كۈچلىك ئەۋج ئالدى

2015.06.16 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ16 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: باي ناھىيەسىدە يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارىسىدا «شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇش» ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ «مائارىپ، ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت يىغىنى» روھىنى ئۈگىنىش دولقۇنى قوزغۇلۇپ، «تارىخى مەسئۇلىيەت ئېڭىغا ئىگە ياخشى ئوقۇتقۇچى، ئەخلاق ئارقىلىق ئىقتىساسلىقلارنى يىتىشتۈرىدىغان ياخشى ئوقۇتقۇچى، كەسىپتە پىشقان ياخشى ئوقۇتقۇچى، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇش » دېگەن تېمىلاردا لىكسىيە ئاڭلاش، ئۆزلىگىدىن ئۈگىنىش، خاتىرە قالدۇرۇش، ئۆز خىزمەت ئورنىغا بىرلەشتۈرۈپ تەسىرات سۆزلەش، ئۆزئارا بەس–مۇنازىرە قىلىش، يېڭى تەپەككۇر ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى چوڭقۇر قانات يادۇردى.

  بۇ پائالىيەت ناھىيە تەۋەسىدە چوڭقۇر، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇرۇلۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىللىرى ئارىسىدا دەۋىرگە ماسلىشالايدىغان، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتالايدىغان، ئۆز ئورنىدا تۆھپە قۇشۇپ، خەلققە بەخىت يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان، مائارىپنىڭ جەڭگىۋارلىق، ئۇيۇشۇشچانلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيلەپ، ئۆز بۇرچىنى تۇلۇق ئادا قىلىدىغان، «ئەسەبىي ئىدىيە»دىن يىراق تۇرۇپ، قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىشقا ھەسسە قوشىدىغان، مائارىپ تەرققىياتى ئارقىلىق خەلق تۇمۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان، خەلق تۇمۇشى ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە تىنىچ، ئىتتىپاق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلىشىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىدىغان قۇيۇق كەيپىيات شەكىللەندى .

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر