باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

16 مىڭ ياپونىيەلىك يىغىلىش قىلىپ ئابى شىنزو ھاكىمىيىتىنى ئەيىبلىدى

2015.06.16 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16 مىڭ ياپونىيەلىك تۈنۈگۈن توكيودا يىغىلىش قىلىپ، ئابى شىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، پارلامېنتتا ئۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى مەجبۇرىي ماقۇللاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، پۈتۈن خەلقنى ئابى شىنزو ھاكىمىيىتىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

  تۈنۈگۈن داۋالاش، يېزا ئىگىلىك، مائارىپ ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ھەر ساھەدىن كەلگەن ياپونىيە ئاممىسى توكيودىكى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىگە يېقىن يەردىكى باغچىغا يىغىلىپ، قوللىرىدا «ئابى شىنزو ھاكىمىيىتى بولدى قىلسۇن» دېگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، تەڭ ئاۋازدا «ئۇرۇش توختىسۇن»، «ئاساسىي قانۇننى قوغدايمىز»› «ھاياتىمىزنى قوغدايمىز»،« ئۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى قەتئىي بىكار قىلىش كېرەك» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

  ياپونىيە كومپارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا قوزغىغان ئۇرۇشقا قاتنىشىش ياپونىيەگە نىسبەتەن ناھايىتى خەتەرلىك، ياپونىيەنىڭ «لۈكچەك دۆلەتلەر» قاتارىغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرىمەن.

  ئۇرۇشنى چەكلەش، ئاساسىي قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئومۇمىي ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش ئىجرائىيە كومىتېتىدىن كەلگەن فۇكۇياما شىنگو ئابى شىنزو ھاكىمىيىتىنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى، بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇن لايىھەسىنىڭ پارلامېنتتا ماقۇللىنىشىنى توسۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  شۇ كۈنى نۇرغۇن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەنە ئابى شىنزو ھاكىمىيىتىنىڭ «ئىستېمال بېجىنى ئۆستۈرگەنلىكى»،« تارىخ دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكى» ۋە خېنوكودا يېڭى بازا قۇرۇشنى مەجبۇرىي يولغا قويغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى. يىغىلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن 16 مىڭ ياپونىيە ئاممىسى مەيدانغا يېقىن يەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر