باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدا 313 نەپەر ئاساسىي قاتلامدىكى كادىر تەكشۈرۈلدى

2015.06.17 11:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تەپتىش ئورگانلىرى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ھوقۇم ـ مەنپەئىتىگە زىيان سالغان «چىۋىن شەكلىدىكى» چېرىكلىشىش دېلوسىدىن 265 نى تەكشۈرۈپ بىجىرگەن بولۇپ، چېتىلىدىغان ئادەم سانى 313ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن سەييارە تەكشۈرگۈچىسى، ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا دەخلى تەرۇز ـ قىلىشقا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشىقى جاڭ يوڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈپ بىجىرىلگەن چېرىكلىشىش دېلولىرىدا، پارىخورلۇق دېلوسىدىن 207سى بولۇپ، 247 نەپەر ئادەمگە چېتىلىدۇ، چېتىشلىق سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغىنى جەمئىي 125 نەپەر بولۇپ، پۈتۈن دېلو ئومۇمىي سانىنىڭ %50.6نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى پار ئېلىشقا چېتىشلىق 22 نەپەر كىشى بار. ۋەزىپىسىنى ئادا قىلشقا دەخلى- تەزۇر قىلىش دېلوسىدىن 58ى بولۇپ، 66 ئادەمگە چېتىشلىق، بۇنىڭ ئىچىدە، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلانغان دېلودىن 17سى، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش دېلوسىدىن 27سى بار. (ھەبىبە ئىسمائىل خەۋىرى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر