باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېقىنقى بەش يىلدا ئاپتونوم رايونىمىز سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %34.3كە يەتتى

2015.06.12 21:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، سانائەت ئىقتىسادى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، كۆلەملىك كارخانىلار يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، نېفىت، تەبىئىي گازنى ئېچىش ۋە نېفىت – خىمىيە سانائىتى يېتەكچى قىلىنغان، توقۇمىچىلىق، يېنىك سانائەت، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، پولات – تۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تايانچ قىلىنغان نىسپىي مۇكەممەل زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلدى. سانائەت قوشۇلما قىممىتى 1955 – يىلىدىكى 210 مىليون يۈەندىن 2014 – يىلى 317 مىليارد 960 مىليون يۈەنگە يەتتى. سانائەتنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى يېتەكچىلىك رولى كۈندىن – كۈنگە كۈچەيدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇ كەيجياڭ: غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى مەركەز قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىشنىڭ 1 – ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇشتەك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، سۈپەت، قۇرۇلما ۋە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىدا روشەن ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، دېدى. 2014 – يىلى شىنجاڭدىكى سانائەت كارخانىلىرى ئىچىدە مەبلىغى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان كارخانا 1100 گە، پايدا ئومۇمىي سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان كارخانا 68گە يەتتى.

  2014 – يىلى شىنجاڭنىڭ نېفىت، پولات – تۆمۈر، خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، رەڭلىك مېتال، كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق كەسىپلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 476 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2009 – يىلىدىكىدىن 3.7 ھەسسە ئاشتى. يەرلىك سانائەتنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى، گۇاڭخۈي گۇرۇھى، جۇڭتەي خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تيەنيې (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى بىر تۈركۈم يەرلىك سانائەت كارخانىلىرى تېز زورىيىپ، يەرلىك سانائەتنىڭ تەرەققىياتىغا باشلامچىلىق قىلىدىغان ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندى. خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، پولات – تۆمۈر، رەڭلىك مېتال، كۆمۈر قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەر ئىقتىسادىنىڭ تېز ئېشىشى بىلەن شىنجاڭدىكى نېفىتتىن باشقا سانائەتمۇ تېز تەرەققىي قىلىپ، سانائەت ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تېز ئاشتى. نېفىتتىن باشقا سانائەتنىڭ تايانچلىق رولى گەۋدىلەندى.

  خۇ كەيجياڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ تېز ئېشىشىغا ئاپتونوم رايون يولغا قويغان بىر قاتار يېڭى تەدبىر، يېڭى سىياسەتلەر كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بىر قاتار تەرەققىيات يېڭى تەسەۋۋۇرى ۋە يېڭى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆزگىرىش ياساش روھىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشىگە پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس سالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر