باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك

2015.06.12 21:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نەيىم ياسىن قۇمۇل، تۇرپاندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

  خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك

  جاڭ يەنلى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن 6 – ئىيۇندىن 10 – ئىيۇنغىچە قۇمۇل ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى 2010 – يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، مەردانىلىك بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى قەدەم تاشلىشى كېرەك.

  نەيىم ياسىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، قۇمۇل شەھىرى، پىچان ناھىيەسى، ئىدىقۇت رايونى، توقسۇن ناھىيەلىرىدە يېزا، مەھەللە، مەكتەپ، كارخانا، ‹‹ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئائىلىسى››، ئىگىلىك تىكلەش بازىلىرى، مەركەزلىك تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش بازىسى، قاماقخانىلارغا بېرىپ، مەخسۇس ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى بىلەن ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كادىرلار بىلەن يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىپ، ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئەھۋالى ۋە ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شۇنداقلا جايلارنىڭ ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمىتى گۇرۇپپىسىدىكىلەر ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، ‹‹تۆت پېشقەدەم›› لەر ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن تىپىك ۋەكىللەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  نەيىم ياسىن ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە باشتىن – ئاخىر كاپالەتلىك قىلىش؛ مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى، ‹‹شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش›› تىن ئىبارەت قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى زىچ چۆرىدەش؛ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى خىزمىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، نازارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، نازارەت قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شىمالىي شىنجاڭ گۇرۇپپىسىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى، بېيتۈن شەھىرىدىكى ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىمۇ تەڭ ئىشلەندى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر