باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھەربىي، قوراللىق ساقچى تۈرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي تەكشۈرۈش، يۈزتۇرا ئىمتىھان خىزمىتى13 –ئىيۇن باشلىنىدۇ

2015.06.12 20:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 13 – ئىيۇندىن 24 – ئىيۇنغىچە ھەربىي، قوراللىق ساقچى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى تۈرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي تەكشۈرۈش، يۈزتۇرا ئىمتىھانى، تەن ساپاسىنى ئۆلچەش ۋە ھەربىي تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈردىكى مەكتەپلەرگە بۇ يىل ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ۋە ئىلگىرى پۈتكۈزۈپ بولغان ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، سىياسىي تەكشۈرۈش خىزمىتى 13 – ئىيۇندىن 16 – ئىيۇنغىچە، يۈزتۇرا ئىمتىھانى، تەن ساپاسىنى ئۆلچەش خىزمىتى 20 – ئىيۇندىن 22 – ئىيۇنغىچە(جامائەت خەۋپسىزلىكى تۈرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ 24 – ئىيۇنغىچە) ئېلىپ بېرىلىدىكەن. قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 20 ياشتىن چوڭ بولماسلىقى(جامائەت خەۋپسىزلىكى تۈرىدىكى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 22 ياش)، 17 ياشتىن كىچىك بولماسلىقى، توي قىلمىغان بولۇشى شەرت قىلىنىدىكەن. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدىن كۆرۈۋالسا بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر