باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەيدىغان ھۆكۈمەت مۇكاپاتى تۈرى تەسىس قىلىندى

2015.06.12 21:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئېلىمىزدە يېقىندا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاشنى مەقسەت قىلغان تۇنجى ھۆكۈمەت مۇكاپاتى تۈرى ‹‹جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى مۇكاپاتى›› تەسىس قىلىنغان.

  تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى مۇكاپاتى››نى باھالاش ۋە تەقدىرلەش خىزمىتى يېقىندا بېيجىڭدا باشلاندى. ئىگىلىنىشچە، بۇ مۇكاپات ئاساسلىقى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ 1 – سېپى ۋە ئەمەلىيىتىدە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەشۋىقات – تەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردە زور تۆھپە قوشقان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرگە بېرىلىدىكەن. ئىلغار كوللېكتىپ ئاساسلىقى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللانغان ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ئىچىدىن باھالىنىدىكەن؛ ئىلغار شەخسلەر ئاساسلىقى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پەن – تېخنىكا، مائارىپ خىزمەتچىلىرى، ئاخباراتچىلار، ئىجتىمائىي تەشكىلات خىزمەتچىلىرى، كارخانا باشقۇرغۇچىلار، ئىشچىلار، دېھقانلار، مەمۇرلار ۋە ھەربىيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ 1 – سېپىدىكى خىزمەتچىلەر ئىچىدىن باھالىنىدىكەن.

  پىلانغا ئاساسەن، ‹‹جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى مۇكاپاتى›› ئۈچ يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدىكەن. تۇنجى نۆۋەتلىك باھالاشتا ئىلغار كوللېكتىپ مۇكاپاتىدىن 20سى، ئىلغار شەخس مۇكاپاتىدىن 30ى تەسىس قىلىنغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر