باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى

2015.06.15 09:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەر خىل ئالاھىدە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، سەرخىل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرسىتىلىپ، ئامما مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشقا جەلپ قىلىندى،« نەتىجىلەرنى قوغداپ، ئومۇمىي خەلق تەڭ بەھرىمەن بولۇش» 2015-يىللىق جۇڭگو مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنىنىڭ ئاساسى تېمىسى قىلىندى.

بۇ يىللىق ئاساسى مەيدان شەھەر پائالىيىتى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ دازۇ رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى، پائالىيەت مەزمۇنى مىڭ قوللۇق شەپقەتچى مەبۇدنىڭ ھەيكىلىنى قۇتقۇزۇپ قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىش مۇراسىمى، جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋىي كەنتلەر فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، جۇڭگو مەدەنىيەت مىراسلىرى گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

13-ئىيۇن نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى ۋۇ جۇڭ شەھىرىدە شىر، ئەجدىھا ئۇسۇلى، خۇيزۇلارنىڭ چامباشچىلىقى، قەغەز ئويما، كەشتىچىلىك قاتارلىق غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلار نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىپ، شەھەر خەلقىنى مەدەنىيەتنى قوغداشتىن قولغا كەلگەن نەتىجىلەردىن بەھرىمەن قىلدى، شىزاڭدا 12-ئىيۇندىن باشلاپ شىزاڭنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئون يىللىق نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى، تونۇشتۇرۇلىشىچە، 50 گە يېقىن دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك 540 كۆرگەزمە بۇيۇمى ۋە ھەر دەرىجىلىك 61 نەپەر ۋارىسلىق قىلغۇچى كۆرگەزمىگە قاتناشقان، 13-ئىيۇن سەھەردە ئىچكى موغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆكخوت شەھىرىدىكى چىڭچېڭ باغچىسىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسى ئالدىغا غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى30 نەچچە نەپەر كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ شەھەر ئاھالىسىگە كارامىتىنى كۆرسەتتى.



ھەقىقىي مەنزىرە ئارقىلىق نەچچە يۈز يىللىق تارىخنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى 13-ئىيۇن لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ چاۋياڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، كىشىلەرگە قەدىمىي ئەنئەنىۋىي ھۈنەر سەنئەت ئەمدىلا باشلانغان ئاشۇ يىللاردىكى كامالەتكە يەتكەن ھۈنەرۋەن كەسىپلەرنىڭ سېھرى كۈچى نامايان قىلىندى.

فۇجيەندە چاي مەدەنىيىتى يېڭى سەپەر ــ ۋۇيىشەننىڭ گۈللىنىشى، ئونمىڭ چاقىرىملىق چاي يولى، بىر بەلباغ بىر يول ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىش ئاساسى تېمىسىدىكى كۆرگەزمە ئۆلكىدىكى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى موزىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر