باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى» ناملىق سەھىيەنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈش پائالىيىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا سەپەر پائالىيىتى

2015.06.11 10:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر خىزمىتى سىستېمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا، شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل 6-ئايدا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى» ناملىق سەھىيەنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈش پائالىيىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا سەپەر پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ قېتىمقى سەھىيەنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈش «خالىسانە كېسەل كۆرۈش» پائالىيىتىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى داڭلىق دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىدىن 60 نەچچە كىشى يىغىلغان، ئۇلار تۆت داۋالاش ئەترىتىگە بۆلۈنۈپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن، گۇما ناھىيەلىرى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار، مارالبېشى، يەكەن ناھىيەلىرى ۋە قەشقەر شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات، كەلپىن ناھىيەلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. ئوقۇشىمىزچە، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى» ناملىق سەھىيەنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈش پائالىيىتى جەنۇبىي شىنجاڭدا 10 كۈن داۋاملىشىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ جەرياندا مۇتەخەسسىسلەر 10 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن كېسەل كۆرىدىكەن، بۇ پائالىيەت شۇ يەرنىڭ داۋالاش خادىملىرىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، داۋالاش سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر