باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاچارچىلىقنى ئازايتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەتلەرگە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلدى

2015.06.10 15:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى 7-ئىيۇن ئاچارچىلىققا قارشى تۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئالاھىدە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئاچارچىلىقنى ئازايتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەتلەرگە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى. جۇڭگو دۇنيا ئاشلىق باشلىقلىرى يىغىنى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گۇۋاھنامىگە ئېرىشتى.

  ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىز شەرقىي ئاسىيادىكى ئاچارچىلىقتا قالغان نوپۇسنى ئازايتىشتىكى ئاساسلىق كۈچ ئىكەن ، ھەمدە پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئاچارچىلىققا قارشى تۇرۇش داۋامىدا ئېلىمىزدىكى ئاچارچىلىقتا قالغان نوپۇسنىڭ ئازىيىش مىقدارى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، يەر شارىنىڭ ئاچارچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىشلارغا زور تۆھپە قوشقان. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھازىرغىچە تەرەققىي قىلىۋاتقان 72 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىدىكى ئاچارچىلىقنى ئازايتىشقا ئالاقىدار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە 29 دۆلەت دۇنيا ئاشلىق باشلىقلىرى يىغىنى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر