باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇ يۇڭكاڭ 1-سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2015.06.12 17:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى تيەنجىن شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جۇ يۇڭكاڭنىڭ پارا ئېلىش، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلاش دېلوسىغا 1- سوتتا قانۇن بويىچە سوت ئېچىپ، جۇ يۇڭكاڭنى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش، شەخسى مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش؛ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك يەتتە يىللىق قاماق جازاسى بېرىش؛ دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلاش جىنايىتىگە مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماق جازاسى بېرىش، بۇ ئۈچ خىل جىنايىتىنى تەڭ جازالاپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەمدە شەخسى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى قارار قىلدى. جۇ يۇڭكاڭ سوتتا: سوتنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنىدىغانلىقى، ئەرز سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئەدلىيە تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرگەندىن بۇيان دېلو بېجىرگۈچى ئورگان دېلونى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇننى مەدەنىي ئىجرا قىلىپ، پاكىتنى تەكىتلەپ، ئېلىمىزنىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تولۇق ئىپادىلەپ، باشقىلارغا ئۆزىنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايىتىنىڭ پارتىيە ئىشلىرىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكى، جەمئىيەتتە ئېغىر تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى تونۇتتى، جۇ يۇڭكاڭ جىنايىتىنى تونۇيدىغانلىقى ۋە جىنايىتىدىن پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى.

  تيەنجىن شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇ يۇڭكاڭنىڭ پارا ئالغان مەبلەغ سوممىسى ئىنتايىن زور؛ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايەت ئەھۋالى ئالاھىدە ئېغىر؛ دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلاش جىنايەت ئەھۋالى ئالاھىدە ئېغىر، ئەمما ئالاھىدە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان. جۇ يۇڭكاڭنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنىڭ ئەمەلىيىتى، ماھىيىتى، ئەھۋالى ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن زىيىنىنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن سوتتا قانۇن بويىچە يۇقىرىقى ھۆكۈم چىقىرىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇ يۇڭكاڭ سوتتا ئاخىرقى بايانىدا مەن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئەيىبلىشىنى قوبۇل قىلىمەن، ئاساسىي پاكىت ئېنىق، مەن جىنايىتىمنى ئىقرار قىلىمەن ھەم جىنايىتىمدىن پۇشايمان قىلىمەن؛ ئالاقىدار خادىملارنىڭ مېنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمغا بەرگەن پارىسى ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ھوقۇقۇمغا قارىتىلغان، مەن باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىشىم كېرەك؛ مەن ئۆز نەپسىمگە چوغ تارتىپ ئۈزلۈكسىز قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپتىمەن، قانۇنغا خىلاپ پاكىتلار ئوبيېكتىپ مەۋجۇت، پارتىيە ۋە دۆلەتكە زور زىيان پەيدا قىلدى. مېنىڭ مەسىلەمنى قانۇن ئىنتىزام بويىچە بىر تەرەپ قىلىش-پارتىيەنىڭ پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈردى،دېگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر