رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 10-ئىيۇن ئىتالىيە ۋە ۋاتىكاندىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىغان، ئۇ زىيارەت مەزگىلىدە مىلان دۇنيا يەرمەنكىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ھەمدە ئىتالىيە زۇڭلىسى رېنزى، زۇڭتۇڭى ماتېلېلا، شۇنداقلا رىم پاپاسى فىرانسىس قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەشكەن.
پۇتىن فىرانسىس بىلەن بىر سائەتتىك سۆھبەتلەشكەن، سۆھبەتتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپ سوۋغا ھەدىيە قىلىشقان، پۇتىن فىرانسىسقا موسكۋا خىرىستىيان دىنىنىڭ قۇتقۇزغۇچى چوڭ چېركاۋىنىڭ بىر پارچە بېزەك رەسىمىنى ھەدىيە قىلغان، فىرانسىس پۇتىنغا تىنچلىق ئەلچىسى خاتىرە مېدالى ھەدىيە قىلغان.