باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى خوۋشيا تاغلىق رايونىدا تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى يۈز بەردى

2015.06.12 14:37         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-ئىيۇن سائەت 11:00 دە دۆلەت يولى 216-لىنىيەسىدىكى خوۋشيا تاغلىق رايونىنىڭ K738+100 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە يامغۇر سەۋەبلىك تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، يول ئىتىلىپ قالغاچقا، نۇرغۇن ئاپتوموبىللار تاغلىق رايوندا قاپسىلىپ قالدى.

  10-ئىيۇن سائەت 13:30 دە مۇخبىر ئۈرۈمچى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە يولغا چىقىپ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ باردى، تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن جايدىكى تاشيول بۆلىكىدە يوغان تاشلارنىڭ دۆۋىلىنىپ قاتناشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى كۆردى.

  بۇ قېتىمقى تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن يول بۆلىكى خوۋشيا يىڭشوڭ كۆۋرۈكىگە يېقىن جايدىكى 30 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئەگمە يولغا توغرا كېلىدىغان بولغاچقا تاغ ئۈستىدىن چۈشكەن تاشلار كەڭلىكى سەككىز مېتىر كېلىدىغان تاشيولنى بىراق بېسىۋالغان، دىئامېتىرى بەش مېتىر كېلىدىغان يوغان تاش تاشيولنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشكەن، تاشيول خەتەردىن قۇتقۇزۇش خادىملىرى قاچىلاش ماشىنسى ئارقىلىق تازىلاش ئېلىپ بېرىپ كىچىك ئاپتوموبىل ماڭالىغۇدەك يول چىقارغان.

  10-ئىيۇن سائەت 18:30دە تاشيول ئۈستىدىكى يوغان تاشنىڭ يېرىمى پارچىلىنىپ، تاشيول قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

  تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى خۇ يۇخۇانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرىدىن باشلاپ ئىيۇل ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە تاغلىق رايوندا لاتقا-شېغىل ئېقىنى، تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشتەك تەبىئىي ئاپەتلەر كۆپ كۆرۈلىدىكەن، كەڭ شوپۇر دوستلار يول يۈرگەندە يۈرۈش لىنىيەسىنى ئالدىن پىلانلاپ، ئەگەر شەھەر ئىچى رايونىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولسا ئامال بار مەزكۇر يول بۆلەكلىرىدىن ئەگىپ ئۆتۈشى، ئەگەر تەبىئىي ئاپەتكە يولۇقۇپ قالسا كەلگەن يولى بىلەن كەينىگە قايتىشى كېرەككەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر