باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىلىم ئۆگىنىش ئىسلام دىنىدا تەشەببۇس قىلىنىدىغان مۇھىم ئەقىدە

جىمىنەي ناھىيەسىدىكى بازار مەسچىتىنىڭ ئىمامى قايسا تاڭقاينى زىيارەت

2015.06.12 21:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سادىق ئىمىر

  ‹‹قۇرئان كەرىم››دە بىلىم ئېلىش، مەيلى دىنىي بىلىم ياكى پەننىي بىلىم بولسۇن، ھەممىسىنى ئىگىلەش تەلەپ قىلىنغان. بىز ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئىگىلىگەندىلا، قانۇن بويىچە ئىش كۆرىدىغان، قانۇن – ئىنتىزامغا ئەمەل قىلىدىغان ياخشى پۇقرالاردىن بولالايمىز، ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئىگىلىگەندىلا، ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيمىز.

  ئاللا ‹‹قۇرئان كەرىم››دە مۇنداق دېگەن: ‹‹بىلىملىكلەر بىلەن بىلىمسىزلەر باراۋەر بولامدۇ؟ مەن بىلىم ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئىنسانلارنى ئۇلۇغ قىلىمەن››، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ‹‹ئىلىم چىندا بولسىمۇ، ئۆگىنىش كېرەك›› دېگەن، بۇنىڭدىن ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي بىلىم بىلەن پەننى بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىسلام دىنىدا يەنە پەننى بىلىملەرنى ئۆگىنىش توغرىسىدا نۇرغۇن ئايەت بار. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ‹‹ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى ئىلىم ئۆگىنىشى كېرەك›› دېگەن ھەم ئىلىم ئۆگىنىشتە دىنىي بىلىملەرنىلا ئۆگىنىپ قالماستىن، يەنە تېبابەت، تىجارەت، مېمارچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلغان. يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن ئىسلام دىنىنىڭ دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىدە ئىلگىرىلەش، ‹‹ئىككىلا دۇنيادا بەخت – سائادەتلىك بولۇش››، ۋەتەننى، يۇرتنى، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش مۆمىنلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى، دەپ قارىلىدۇ.

  جاھىل، نادان كىشىلەر جەزمەن باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قالىدۇ، ئىسلام دىنى ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىدۇ، ھورۇنلۇققا قارشى تۇرىدۇ. تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا ياشاشنىڭ زۆرۈر شەرتى، ئىسلام دىنى دەل مۇشۇ ئەۋزەللىكى بىلەن دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن ئىزچىل ماسلىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان. يىغىپ ئېيتقاندا، ئىسلام دىنى بىلەن ئىلىم – پەن زىددىيەتلىك ئەمەس، بىز ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، زامانىۋىلىشىشقا يۈزلىنىپ، زامانىۋى ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئىگىلىشىمىز كېرەك. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ‹‹ئىلىم تەقۋادارلاردىن قالغان، ئۇنى نەدىن تاپسا ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا بولىدۇ›› دېگەن.

  ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىدە كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇش، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، باشقىلارغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىش، پاكىزلىقنى سۆيۈش، بىلىمگە ئەھمىيەت بېرىشكە ئائىت مەزمۇنلار كۆپ. بىز دىنىي زاتلار ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەقىدىلىرىنى داۋاملىق تەشەببۇس قىلىپ، نورمال دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرى ۋە ئەمىر – پەرمانلىرىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۇلارغا ئىلىم – پەن ئۆگىتىشىمىز، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىلىم – پەنگە ھۆرمەت قىلىشقا، ئىلمىي باقمىچىلىق، ئىلمىي دېھقانچىلىق قىلىش ئارقىلىق باي بولۇشقا، ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، تەڭ تەرەققىي قىلىپ، ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈشكە يېتەكلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇشىمىز زۆرۈر.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر