باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل قوبۇل قىلىنىدىغان مەمۇرلار ئاساسەن جەنۇبى شىنجاڭ بىلەن ئاساسى قاتلامنىڭ 1–سېپىگە مايىللاشتۇرۇلىدۇ

قوبۇل قىلىنىدىغان7320 مەمۇرنىڭ %83 ى ناھىيە ۋە يېزىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ

2015.06.12 21:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى چۈنشيانىڭ ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2015 – يىلى ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق جەمئىيەتتىن 7320 مەمۇر قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋېن شۆ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش ۋە ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھان خىزمىتى ئاساسىي قاتلامنىڭ 1 – سېپىگە ۋە جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇلغان. سىياسىي ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، يەرلىكتىن قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، قوبۇل قىلىش شەرتلىرىنى بوشاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىنىدۇ. بۇ يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ئىش ئورنى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن قارىغاندا، ناھىيە ۋە يېزا ئورگانلىرىدىكى ئىش ئورنى ئومۇمىي ئىش ئورنىنىڭ %83 ىنى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ئورگانلىرىدىكى ئىش ئورنى ئومۇمىي ئىش ئورنىنىڭ %15 ىنى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلاردىكى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئومۇمىي ئىش ئورنىنىڭ %2 ىنى ئىگىلەيدىكەن.

  بۇ يىلقى مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى 13 – ئىيۇندىن 19 – ئىيۇنغىچە بولىدۇ؛ 11 – ئىيۇل ‹‹مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدارىنى سىناش›› ۋە ‹‹مۇھاكىمە ۋە بايان››دىن يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ؛ 12 – ئىيۇل بىر قىسىم ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ‹‹خەنزۇ تىلى ئاساسىي بىلىملىرى›› ۋە ‹‹جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاساسىي بىلىملىرى›› دىن يېزىقچە ئىمتىھان بېرىشكە تەشكىللىنىدۇ؛ 13 – ئاۋغۇست يېزىقچە ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ؛ 19 – ئاۋغۇستتىن 21 – ئاۋغۇستقىچە سالاھىيەت تەكشۈرۈلىدۇ؛ 26 – ئاۋغۇستتىن 30 – ئاۋغۇستقىچە يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىنىدۇ؛ 27 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ تەن ساپاسىنى باھالاش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە ئەھۋال ئىگىلەش قاتارلىق خىزمەتلەر باشلىنىپ، بۇ يىل ئىچىدە مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاساسەن تاماملىنىدۇ. تەپسىلىي مەزمۇنى ‹‹ئۇقتۇرۇش››، ‹‹ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامى›› ۋە ‹‹ئىش ئورنى جەدۋىلى›› ئارقىلىق ئېلان قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر