باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارىدىن تۆتنى نەسىھەت قىلىپ قولغا چۈشۈردى

2015–يىللىق ‹‹تۈلكە ئوۋلاش››مەخسۇس ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ

2015.06.12 21:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈي يۈنيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئاخبارات ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2015 – يىللىق ‹‹تۈلكە ئوۋلاش›› مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ ئورگانلىرى جەنۇبىي ئافرىقا، تۈركىيە، قازاقىستان ۋە ئاۋمېنغا قېچىپ كەتكەن ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارىدىن تۆتنى نەسىھەت قىلىپ قولغا چۈشۈرگەن.

  بۇ يىل ج خ مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان 2015 – يىللىق ‹‹تۈلكە ئوۋلاش›› مەخسۇس ھەرىكىتى مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرغان ‹‹ئاسماندا تور›› ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ نۇقتىلىق ئوبيېكتلىرى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارلىرى، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن پارتىيە ئەزالىرى، دۆلەت خىزمەتچىلىرى ۋە چىرىكلىشىش دېلولىرىغا چېتىشلىق بولغان چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن خادىملاردىن ئىبارەت.

  ساقچى دائىرىلىرى 3 – ئاپرېل توختام ئالدامچىلىقى دېلوسىغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى لىن XXنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چېگراسىدىن شىنجاڭغا قايتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015 – يىللىق ‹‹تۈلكە ئوۋلاش›› مەخسۇس ھەرىكىتىدە تورغا چۈشۈرگەن تۇنجى ‹‹تۈلكە››. 2013 – يىلى 9 – ئايدا لىن XX ئۆزىنى جۇخەي شەھىرىدىكى مەلۇم گولف توپ مەيدانىنىڭ قانۇنىي ئىگىسى دەپ، گولف توپ مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇش مەبلىغى يېتىشمەيۋاتىدۇ، دېگەننى باھانە قىلىپ، سانجىدىكى مەلۇم شىركەت بىلەن 18 مىليون يۈەنلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى تۈزگەن. لىن XX: سېلىنغان مەبلەغكە ھەر ئايدا %3.5 پايدا بېرىپ، بىر يىلدىن كېيىن سېلىنغان مەبلەغنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇۋېتىمەن، دەپ ۋەدە قىلغان. مەلۇم شىركەت بۇ پۇلنى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ لىن XX نىڭ ھېساباتىغا ئۇرۇپ بەرگەن. لىن XX پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ‹‹كېلىشىم››دىكى بەلگىلىمە بويىچە بۇ شىركەتكە بەش ئايلىق مۇقىم پايدىنى ئايرىپ بەرگەندىن كېيىن، ئاۋمىنغا قېچىپ كەتكەن.

  دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ 2015 – يىللىق ‹‹تۈلكە ئوۋلاش›› مەخسۇس ھەرىكىتى ئىشخانىسى كۆپ تەرەپلىمە رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق، لىن XX نىڭ يېقىندا گۇاڭدۇڭ چېگرا پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايقاپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى چېگرادىن كىرىش – چىقىشنى باشقۇرۇش ۋە چېگرا مۇداپىئە قاتارلىق تارماقلىرىدىن ئۇنى تۇتۇشقا ماسلىشىشنى تەلەپ قىلغان. 3 – ئاپرېل جىنايەت گۇماندارى لىن XX چېگرا پورتىدىن كىرمەكچى بولىۋاتقاندا قولغا چۈشكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر