باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېمەكلىك، دورا مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقى زورايتىلىدۇ

2015.06.12 18:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 11-ماي «مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرىنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش تۈرلىرىدە ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، ئىلمىي، قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشنى ئايدىڭلاشتۇردى، يېمەكلىك، دورا مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتتى.

  پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كۈندىلىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلەرگە ئايرىپ نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تورلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەرز قىلىش، پاش قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى نازارەت قىلىش، كۈندىلىك نازارەت قىلىش، دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، جازا ئىجرا قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يېمەكلىك، دورا ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش كېرەك. مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرى ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى پائال يولغا قويۇش كېرەك.

  پىكرىدە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەڭ قاتتىق ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئەڭ قاتتىق جازالاش، ئەڭ قاتتىق مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئېتىز بېشىدىن تاماق ئۈستىلىگىچە، تەجرىبىخانىدىن دوختۇرخانىغىچە بولغان ھەر بىر مۇداپىئە لىنىيەسىنى قاتتىق چىڭىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەك ئىچمەك، دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر