باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە ‹‹بەش يۇلتۇز››لۇق بىر مېھمانساراي ‹‹يۇلتۇز›› دەرىجىسىدىن ۋاز كەچتى

2015.06.12 14:40         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ‹‹خۇڭفۇ›› مېھمانسارىيى بۇ يىللىق ‹‹بەش يۇلتۇز››لۇق مېھمانسارايلىق سالاھىيىتىنى باھالىتىشتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كەچتى. بۇ ئۈرۈمچىدىكى ‹‹بەش يۇلتۇز››لۇق مېھمانساراينىڭ 17 يىل كىيگەن ‹‹تاجى›› نى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلىۋېتىپ، ئاممىباب ئىستېمالدىكى ئادەتتىكى مېھمانساراي بولۇشقا رازى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ‹‹خۇڭفۇ›› مېھمانسارىيىنىڭ ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىسى مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى›› چىقىرىلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچىدىكى ‹‹بەش يۇلتۇز››لۇق مېھمانسارايلارنىڭ سودىسى كاساتلاشتى، بۇ يىلدىن باشلاپ، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش يىغىنى نۇقتىلىرىغا ‹‹بەش يۇلتۇز››لۇق مېھمانسارايلار كىرگۈزۈلمىدى.بۇنداق شارائىتتا مېھمانساراي پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن ‹‹بەش يۇلتۇز›› لۇق ھالقىغا ئېسىلىۋالماي، ئاممىباب ئىستېمال يولىنى تاللىشى كېرەك.

  يەنە بىر <<بەش يۇلتۇز>>لۇق مېھمانساراي سېتىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى مۇنداق دېدى: ھازىر ھۆكۈمەت پۇلىغا ئىستېمال قىلىش يوقالدى، مېھمانسارايلارنىڭ خېرىدار قوبۇل قىلىش نىسبىتى ۋە يېمەك – ئىچمەك كىرىمى% 50 ئازىيىپ كەتتى، ‹‹يۇلتۇز›› دەرىجىسىدىن ۋاز كېچىش ئاسان، ئۇنىڭغا قايتا ئېرىشمەك ئاسان ئەمەس، بىراق بىز تىجارەت تاكتىكىمىزنى ئۆزگەرتتۇق، ئىلگىرى <<بەش يۇلتۇز>>لۇق مېھمانساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىسى تەكىتلىنەتتى، ھازىر ‹‹بەش يۇلتۇز›› لۇق دەرىجە سۇسلاشتۇرۇلۇپ، ياتاق باھاسى ئەرزانلاشتۇرۇلدى، 20 يۈەنلىك قورۇمىلارمۇ چىقىرىلىدىغان بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، نىشاننى ‹‹ئالىي خېرىدار›› دىن ئادەتتىكى ئىستېمالچىلارغا يۆتكەش ئۈرۈمچىدىكى <<بەش يۇلتۇز>>لۇق مېھمانسارايلارنىڭ تاللىشى بولغان. ئۈرۈمچى خۇالىڭ بازىرى ‹‹ياگاۋ مېيجۇ›› مېھمانسارىيى يېڭىدىن <<بەش يۇلتۇز>>لۇق مېھمانساراي دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەتراپتا زور بىر تۈركۈم سودىگەرلەر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، تىجارىتى بىر قەدەر ياخشى ئىدى، شۇنداق بولسىمۇ، مەزكۇر مېھمانساراي ئاممىباب ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى.

  بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت پۇلىغا ئىستېمال قىلىش ئاساسىي ئېقىم بولمايدۇ، <<بەش يۇلتۇز>>لۇق مېھمانسارايلارنىڭ ئاممىبابلىشىشى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالدى ، بىز توپ سېتىۋېلىش تورىغا باھانى چۈشۈرۈش ئېلانلىرىنى بەردۇق، ئاشپۇزۇللاردا پۇقرا تائاملىرى چىقىرىلدى، ياتاق ھەقلىرى تۆۋەنلىتىلدى، دېدى مېھمانساراي ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى.

  ‹‹خۇڭفۇ›› مېھمانسارىيى ئەڭ بۇرۇن تىجارەت تىپىنى ئۆزگەرتتى. 1 – ئىيۇن مۇخبىر مېھمانساراي خەنزۇ ئاشخانىسىدا چوڭ قاچىلىق سۇيۇقئاشنىڭ 18 يۈەن، كىچىك قاچىنىڭ 12 يۈەن ئىكەنلىكىنى؛ مۇسۇلمانچە ئاشخانىدا بىر تەخسە لەڭمەننىڭ 31 يۈەن، ئەتكەن چاينىڭ ھەقسىز بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايلار ھەشەمەتلىك بولغاچقا، كىشىلەر كىرىشتىن ئەيمىنىدۇ، بىز باھانى تۆۋەنلەتسەكمۇ، پۇقرالارنىڭ ئەندىشىسى يەنىلا تۈگىمەيدۇ، ‹‹بەش يۇلتۇز›› دەرىجىسىدىن ۋاز كېچىش دەل ئىستېمالچىلارنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈندۇر،دېدى ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى .

  1 – ئىيۇن ‹‹خۇڭفۇ›› مېھمانسارىيى تاللا تاماق رايونىدا تاماق يەۋاتقان بىر خانىم مۇخبىرغا: ئەگەر ‹‹بەش يۇلتۇز››لۇق مېھمانساراينىڭ باھاسى مۇۋاپىق بولسا، مەن بۇ يەرگە كېلىپ ئىستېمال قىلىشنى خالايمەن، نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ياخشى، مۇلازىمىتىمۇ، تائاملىرىنىڭ سۈپىتىمۇ ياخشى. ئىلگىرى نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك ئەزالىق كارتىسىنى ھازىر 1000 يۈەنگىلا بېجىرگىلى بولىدىكەن.

  ‹‹خۇڭفۇ›› مېھمانسارىيىنىڭ باش دىرېكتورى دېڭ لىنچۈەن مۇنداق دېدى: ‹‹بەش يۇلتۇز››لۇق مېھمانساراينىڭ مۇھىتى، ئاشپەزلىرى، تائاملىرى بىرىنچى دەرىجىلىك، بىز بۇنى پۇقرالارغا يۈزلەندۈرسەك تېخىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە بولىمىز،<< بەش يۇلتۇز>> دەرىجىسىدىن ۋاز كېچىشىمىزدىن مەقسەت، مۇشۇ ئەۋزەل بايلىقىمىزنى پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ، مېھمانساراي تىجارىتىنى تېخىمۇ جانلىق يولغا قويۇپ، بازار رىقابىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈندۇر.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر