- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقتاغ رايونى ‹‹يېمەك–ئىچمەك داڭلىق ماركىسى››بەرپا قىلىدۇ
2015.06.12 14:44 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
10 – ئىيۇن چۈشتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقتاغ رايونىغا ئورۇنلاشقان ‹‹خەيدا›› مېھمانسارىيىدا 2015 – يىللىق بۇلاقتاغ رايونىنىڭ يېمەك – ئىچمەك كەسپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كارخانىچىلار يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇقۇشىمچە، بۇلاقتاغ رايونى سودا ۋە ئىستراھەت زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن مەركىزىي رايون بولۇپ، بۇلاقتاغ رايونىنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى يېمەك – ئىچمەك كەسپىنىڭ مەدەنىيەت تۈسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرغان.
نەق مەيداندا، بۇلاقتاغ رايونىدىكى فۇنكسىيەلىك ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشقان 160تىن ئارتۇق يېمەك – ئىچمەك كارخانىسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ‹‹يېمەك – ئىچمەك ماركىسى›› بەرپا قىلىش مۇراسىمىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقتاغ رايونلۇق سودا ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى)نىڭ باشلىقى خەن خۇيمىڭ مۇنداق دېدى: بۇلاقتاغ رايونىدا 1000 دىن ئارتۇق يېمەك – ئىچمەك كارخانىسى بار، بۇنىڭ ئىچىدىن تەسىرى بىر قەدەر چوڭ 160 نەچچە يېمەك – ئىچمەك كارخانىسىنى تاللاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى تەننەرخى تۆۋەن، تەمى ئۆزگىچە، ئېسىل يېمەك – ئىچمەكلەر بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن تىرىشىمىز. يەنە ھەپتىلىك، ئايلىق، يىللىق باھالاش ئۆتكىلىنى تەسىس قىلىپ، يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرىغا نومۇر قويۇپ، باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئامما ئەڭ رازى بولغان يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرىنى باھالاپ چىقىمىز. ‹‹مەززىلىك تائاملار ئېتىبار كارتىسى››نى بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹يىپەك يولى›› يېمەك – ئىچمەك كۆرگەزمىسى سودا يەرمەنكىسى ۋە جۇڭگو مۇسۇلمانچە مەززىلىك تائاملار مەدەنىيىتى بايرىمىدا ھەر مىللەت ئاممىسىغا تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ مەززىلىك تائاملاردىن بەھرىلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر