- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شەرق يۇلتۇزى ناملىق پاراخوت ۋەقەسىدىكى ئاخىرقى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى باشلاندى
2015.06.12 18:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شەرق يۇلتۇزى ناملىق پاراخوت ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدىكى ئاخىرقى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى 11-ئىيۇن ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىدى. كېسەل تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاممىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىت سەھىيە مۇھىم ۋەزىپە قىلىندى. ھازىر خۇبېي ئۆلكىسىدىكى ئۆلكىلىك، شەھەرلىك ، ناھىيەلىك سەھىيە سېپىدىكى 300 دىن كۆپرەك كېسەل تىزگىنلەش خىزمەتچىلىرى ئالاقىدار خىزمەتلەرگە ئاتلىنىپ، جەسەتلەرنى يۆتكەش جەريانىنى نۇقتا قىلىپ، يۆتكەيدىغان ئاپتوموبىللار ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلدى. 11- ئىيۇنغىچە جيەنلى، خوڭخۇ، جياڭلىڭ قاتارلىق جايلاردىكى دەپنەخانىلار، پاراخوت چۆكۈپ كەتكەن ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئورنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىت بولۇپ 234 مىڭ 300 كىۋادرات مېتىر كۆلەم دېزىنفېكسىيە قىلىندى. باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 11-ئىيۇن سائەت 17گىچە بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچى 370 كىشى بىلەن ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ DNA سېلىشتۇرما نەتىجىسى چىققان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر