باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ھەقنى ئېنىقلاش يۈكنى يېنىكلىتىش قەدىمىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ

2015.06.12 18:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يوڭ 11-ئىيۇن مۇنداق دېدى: كومىتېتىمىز ھەقنى ئېنىقلاش، يۈكنى يېنىكلىتىش قەدىمىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، كارخانىلاردىن تىجارەت ھەققى ئېلىشنى ئېنىقلاش مۇندەرىجىسى، ئىمپورت ئېكسپورت ھالقىلىرىدىكى كارخانىلاردىن ھەق ئېلىشنى ئېنىقلاش مۇندەرىجىسى ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مەمۇرىي تەستىقلاشتىن ئىلگىرىكى ھەق ئېلىشنى ئېنىقلاش مۇندەرىجىسىنى ئورنىتىپ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ ھەمدە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

  ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان، ئېلىمىز باھا ئىسلاھاتى قەدىمىنى تېزلەتتى. جاڭ يوڭ مۇنداق دېدى: كومىتېتىمىز مەركەز ۋە يەرلىك باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسىگە ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزمەكتە. تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى مۇندەرىجىدە ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىشى زۆرۈر بولغان قىسمەن تاۋارلار ۋە تۈرلەر قالدۇرۇلۇپ، نورمال بازار تەرتىپى قوغدىلىدۇ ۋە ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر