باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىلى 12-بەش يىللىق پىلان ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدىغان شۇنداقلا «13-بەش يىللىق» پىلان تۈزۈلىدىغان يىل

2015.06.12 18:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىلى 12-بەش يىللىق پىلان ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدىغان شۇنداقلا «13-بەش يىللىق» پىلان تۈزۈلىدىغان يىل. ئۆتكەن يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى چۆرىدىگەن بىر يۈرۈش مۇھىم سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمەت يىغىنى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات»تا بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى. يېقىندا، ھەر قايسى جايلار كەسكىن، ئەستايىدىل بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى نىشان قىلىپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، سىياسەت ئۈنۈمى داۋاملىق كۆرۈلدى.

  تيەنجىن شەھىرى ئۆزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، تەكشۈرۈشتە دەرھال تۈزىتىش پىرىنسىپى بويىچە، بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا، تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، بىر-بىرلەپ جەدۋەللەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ، سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، تۈزىتىش مۇددىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىر-بىرلەپ ھەل قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

  نىڭشيا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى شەھەر ناھىيە، رايونلار ساقلاپ قىلىپ يولغا قويۇۋاتقان مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرىنىڭ نامى، بېكىتىش ئاساسى، يولغا قويغۇچى ئورگان قاتارلىق ئامىللارنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇندەرىجىسىنى بېسىپ تارقىتىپ، شەھەر،ناھىيە، رايونلارنىڭ مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى خىزمىتىنى ماس قەدەمدە رەتكە سېلىش ۋە تەڭشىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

  بىر قىسىم جايلار ۋە تارماقلارنىڭ « تاللاپ ئىجرا قىلىش»، «سىمۋوللۇق ئىجرا قىلىش»، سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئاساسىي قاتلاملارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، يۈننەن ئۆلكىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرىنى بېسىپ تارقىتىپ، سىياسەت- تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان «ئەڭ ئالدىنقى ۋە ئەڭ ئاخىرقى نىشان»نى چىقىش قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەمۇرىي مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باھالاشنى كۈچەيتتى.

  دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ زورىيىشى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، گۇاڭشى مەبلەغ سېلىش، مۇلازىمەتچىلىك، سانائەت، پۇل مۇئامىلە، ئىمپورت-ئېكسپورت، يېزا ئىگىلىك، ئۆي-زېمىن قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن ئون تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  جايلار بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: ئۆزىنى تەكشۈرۈش يەرلىكنىڭ تونۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسەت مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى توغرا تېپىپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمەلىي خىزمەتكە ھەقىقىي تۈرتكە بولدى ھەمدە كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر