سۈرەتتە: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئىيۇن بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا ئانگولا زۇڭتۇڭى دوسسانتوس بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتلىشىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ «خەلق» سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدا دوسسانتوسنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى جاڭ دو فوتوسى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئىيۇن بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا ئانگولا زۇڭتۇڭى دوسسانتوس بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى جۇڭگو-ئانگولانىڭ دوستانە ھەمكارلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو-ئانگولانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق ئۈستۈنلۈكىنى ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشقا قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئانگولا ياخشى بۇرادەرلەر ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. 2010-يىلى ئانگولادا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانىدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ھەر قايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىقتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى. زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ جۇڭگو-ئانگولانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
مەنبە: خەلق تورى