- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۇدان يېڭى كابىنېتىنىڭ ئەزالىرى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى
2015.06.10 15:33 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سۇدان يېڭى كابىنېتىنىڭ ئەزالىرى 7-ئىيۇن جۇمھۇرىيەت سارىيىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. بۇ يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ بەش يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
سۇدان زۇڭتۇڭى بەشىر 6-ئىيۇن ئاساسىي قانۇن پەرمانى ئېلان قىلىپ، 31 مىنىستىر، بەش زۇڭتۇڭ ياردەمچىسىنى تەيىنلىدى. ئۇ يەنە ئىككى جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى پەرمانىنى ئېلان قىلىپ، بەكرى ھەسەن سالىخ بىلەن خەسان مۇھەممەد ئابدۇلرەخماننى 1- ۋە 2- مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇق ئورنىدا قالدۇردى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت تەركىبىدىن قارىغاندا، سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادىي سىياسىتى تىز ئۆزگەرمەيدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر