باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتاب: ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا

2015.06.11 10:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى 8-ئىيۇن «جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ 2014-يىلىدىكى تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا: 2014-يىلى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، مىللىي رايونلارنىڭ ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتى» دېيىلدى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردا ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىكتىلا رادىيو، تېلېۋىزىيە ئاپپاراتىدىن 104ى، رادىيو پىروگراممىلىرىنى تارقىتىش قانىلىدىن 91ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە مىللىي تىلدىكى رادىيو پىروگراممىسى قانىلى 45؛ تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى تارقىتىدىغان قانال 215 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مىللىي تىلدىكى تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى تارقىتىدىغان قانال 42. مەملىكەت بويىچە مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردا ھەر خىل مەدەنىيەت ئاپپاراتىدىن 50 مىڭدىن كۆپرەكى بار. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە يەرلىكتىكى رادىيو ئىستانسىسىلىرى ھەر كۈنى 21 خىل ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىدۇ. مەملىكەت بويىچە 12 مىڭدىن ئارتۇق مەكتەپتە قوش تىل ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلغان بولۇپ، قوش تىلدا تەربىيەلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچى 4 مىليوندىن، قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى 200 مىڭدىن ئاشىدۇ. مىللىي رايونلاردا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنى قوغداش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى 800 گە يېقىنلىشىدۇ، زاڭزۇ تىياتىرى ۋە «گېسار» ئېپوسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى. 158 ئەتىۋارلىق قەدىمىي ئەسەر دۆلەتنىڭ ئەتىۋارلىق قەدىمىي ئەسەرلىرى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى. دۆلىتىمىز 35 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان، «جۇڭخۇا بۇددا نومى» نىڭ زاڭزۇچىسىنى رەتلەش ۋە نەشر قىلىش خىزمىتى 20 نەچچە يىلدا تاماملاندى. جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئۈچۈن «شەرھىي تاھاۋىيە»، «تەپسىر جەلالەيىن» قاتارلىق ئەرەبچە ئىسلام دىنى كىتابلىرىنى تۈزدى. جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى يەنە ئۇيغۇرچە تور بېكىتى تەسىس قىلىپ، دىن مەدەنىيىتى ساۋاتلىرىنى تونۇشتۇردى، توردا تەپسىر قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ دىنغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر