- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدا 24-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئاشكارىلىنىدۇ
2015.06.10 17:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 24-ئىيۇن، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ۋە دەرىجىسى ئاشكارىلىنىدىغان بولۇپ، 20-ئىيۇندىن 1-ئىيۇلغىچە، ئوقۇغۇچىلار توردا ئارزو تولدۇرسا بولىدۇ.
بۇ يىللىق شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاساسلانغاندا، كېيىنكى باسقۇچتا ئاساسلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مۇنداق بولىدىكەن: 9-ئىيۇندىن 13-ئىيۇنغىچە، قەغەز يىغىۋېلىنىپ، جاۋاپ بەرگەن كارتىلار سۈپۈرۈلۈپ، ئوبىكتىپ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىغا نومۇر قويۇلىدىكەن. 13-ئىيۇندىن 21-ئىيۇنغىچە، ئاساسىي ئوبيكتىپ سوئاللار توردا تەكشۈرۈلىدۇ؛ 22-ئىيۇندىن 23-ئىيۇنغىچە، نەتىجىلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ، سېلىشتۇرۇلۇپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ۋە نومۇر قوشۇلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىلىرى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ 24-ئىيۇن، نەتىجە ۋە تەرتىپى جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ؛ 26-ئىيۇن، 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلشىتىكى ھەر قايسى تۈركۈمدىكى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئاشكارىلىنىدۇ.
ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچى 20-ئىيۇندىن 1-ئىيۇلغىچە توردا ئارزۇ تولدۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، تولۇق كورس نۆلىنچى تۈركۈمنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 28-ئىيۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20:00گىچە، باشقا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 1-ئىيۇل بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20:00گىچە؛ 6-ئىيۇلدىن 9-ئاينىڭ باشلىرىغىچە، توردا قوبۇل قىلىش ئىلىپ بېرىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر