باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەدىكى كۇردلارنى قوللايدىغان پارتىيە پارلامېنتىدىكى 1-چوڭ پارتىيە بىلەن كابىنېت تەشكىللەشنى رەت قىلدى

2015.06.10 15:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيەدىكى كۇردلارنى قوللايدىغان خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دىمىرتاش 7-ئىيۇن تاراتقۇلاردا پارتىيەمىز تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 1-چوڭ پارتىيە ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىمەيدۇ، دېدى.

  ھازىرقى مەلۇماتقا قارىغاندا، ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 550 ئورۇننىڭ 258 نى ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى 132نى، مىللەتلەر ھەرىكىتى پارتىيەسى 81 نى ، خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى 79 ئورۇننى ئىگىلىگەن. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى سايلامدا باشقا پارتىيە گۇرۇھلاردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيەنىڭ سايلام قانۇنىغا ئاساسەن،پارلامېنتتىكى ئورۇننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن پارتىيە ئۆز ئالدىغا كابىنېت تەشكىللەپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە بولىدۇ. ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشقا پارتىيەلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر