باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە ئائىلە تەربىيەسى تەجرىبىسى مول 10 ئەڭ گۈزەل ئائىلىنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى

2015.06.11 10:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 10-ئىيۇن جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا پۈتۈن جەمئىيەتكە ۋاڭ باۋجۇ قاتارلىق مەملىكەت بويىچە ئائىلە تەربىيەسى تەجرىبىسى مول 10 ئەڭ گۈزەل ئائىلىنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى.

  ۋاڭ باۋجۇ، ليۇ شىچاڭ،ليۇ سوڭلىڭ، لىن شۇاڭفېڭ، ۋاڭ كېخۇا قاتارلىق مەملىكەت بويىچە بالا تەربىيەلەشتە تەجرىبىسى مول ئەڭ گۈزەل 10 ئائىلە ئېسىل ئائىلە ئىستىلى ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنىڭ قەلبىنى يۇرىتىپ، ئۆز سۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولغان، پۈتۈن جەمئىيەتكە ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش كىشىلەرنى ئائىلىگە، ئائىلە تەربىيەسىگە، ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىشكە يېتەكلەپ، ئائىلە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىجابىي يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېلان قىلىش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىسقا فىلىم قويۇلدى، رىياسەتچى مەملىكەتلىك پەرزەنت تەربىيەسىدە مول تەجرىبىلىك ئەڭ گۈزەل ئائىلە دەپ نام ئالغانلار ۋەكىلىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر