باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

17 ئۆلكە يەرلىك نۇسخىدىكى نوپۇس ئىسلاھات لايىھەسى چىقاردى

2015.06.11 10:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يەرلىك نۇسخىدىكى نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھات پىكىر تېزدىن چىقىرىلىشقا باشلىدى. پىكىرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بارلىق ئۆلكىلەر دېگۈدەك تۇرالغۇ كىنىشكىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا ئىگىلىكتىن باشقا نوپۇسنىڭ خاراكتېر پەرقىنى بىكار قىلىش ھەم نوپۇسقا ئېلىش سىياسىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن يەر مەسىلىسىگە چېتىلغاندا، مۈجمەل بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى كۆپ قوللانغان، دېھقانلارنىڭ ئەسلىدىكى يەر كۆتۈرىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىشتا نۆۋەتتە تېخى بىر تۇتاش ھەل قىلىش چارىسى يوق ئىكەن. مۇخبىرنىڭ دەسلەپكى مەلۇماتتىن بايقىشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ خېبېي، خېنەن، خېيلۇڭجياڭ، خۇنەن، ئەنخۇي، شەندۇڭ، شىنجاڭ، جياڭسۇ، جياڭشى، گۇاڭشى، شەنشى، سەنشى، جىلىن، فۇجيەن، گۈيجۇ، سىچۈەن، چىڭخەي قاتارلىق 17 جاي ئۆلكە دەرىجىلىك نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش پىكرىنى چىقارغان. ئۆلكە دەرىجىلىك يولغا قويۇش پىكرىنى تېخىچە چىقارمىغان جايلاردا، بىر قىسىم شەھەر دەرىجىلىك قاتلامدىكى ئىسلاھات پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇندىن باشقا، جايلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتلىرىغا ئاساسەن، بېيجىڭ، شاڭخەي، چۇڭچىڭ، گۇاڭدۇڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلارمۇ بۇ يىل نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھات ھۆججىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىدىكەن ياكى تۇرالغۇ كىنىشكىسى تۈزۈمى قاتارلىق ئالاقىدار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن.



ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر