باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇل مۇئامىلە كاپىتالىزمى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش كېرەك

2015.06.11 10:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

خەنزۇچە «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق 11-سانىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى جياڭسۇ ئۆلكىلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۈلۈمىنىڭ باشلىقى يولداش جۇخوڭنىڭ «پۇل مۇئامىلە كاپىتالىزمى ۋە ئۇ ھەقتە قايتا ئويلىنايلى» دېگەن ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پۇل مۇئامىلە كاپىتالىزمىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى-كاپىتالنى پۇل مۇئامىلىلەشتۈرۈش ھەم پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنىڭ ئىقتىسادتىكى تەقسىمات ئورنىنى كۆرسىتىدۇ. كاپىتالنى پۇل مۇئامىلىلەشتۈرۈشنىڭ بىر بىۋاسىتە نەتىجىسى شۇكى، غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتىنىڭ مەركىزى كەسىپ تارماقلىرىدىن پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىغا يۆتكىلىدۇ، پۇل مۇئامىلە تەدرىجىي ھالدا ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تۈگۈنى ۋە جان تومۇرىغا ئايلىنىدۇ ھەم تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، پايدىنى تەقسىملەشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنىڭ ھەدەپ كېڭىيىشى پەيدا قىلغان 2008-يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ئالدى بىلەن ئامېرىكىدا پارتلىدى، ئارقىدىن تېزدىن باشقا دۆلەتلەرگە تارقىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، يېڭى ئەركىنلەشتۈرۈشنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى زىيادە چوڭايتىۋېتىلىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كىرىزىسنىڭ يوشۇرۇن خەتىرىنى قالدۇرۇپ قويدى. ئۆتكەن 40 يىلدىن بۇيانقى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنىڭ كېڭىشى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە قايتا ئويلانغاندا مۇنداق يەكۈننى چىقارغىلى بولىدۇ: پۇل مۇئامىلە كاپىتالىزمىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى-يېڭى ئەركىنلەشتۈرۈش؛ پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىياتى ئەمەلىي ئىقتىسادقا زىيان يەتكۈزمەستىن، بەلكى ئەمەلىي ئىقتىسادقا تىرەك بولۇشى كېرەك؛ پۇل مۇئامىلىگە بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئاجىزلاشتۇرماستىن، بەلكى كۈچەيتىش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر