خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنى 11 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(غالىپ تۇرسۇن خەۋىرى ، فوتۇسى):بۈگۈر ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتىتى ۋە ياش – ئۆسمۈرلەر خىزمەت كومىتىتى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى پىئونىرلار ئارىسىدا « سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى » نى تۇرغۇزۇش ، « جۇڭگو ئارزۇسى مېنىڭ ئارزۇيۇم » ، « ئەسەبىي ئىدىيە » دىن يىراق تۇرۇش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا نۇتۇق سۆزلەش ، ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ ، ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى . سۈرەتتە : ناھىيەلىك 2 – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەنئەت نومۇرى ئورۇنلىماقتا .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى