باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى: نەق مەيداندا ئىزدەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ، قىلچە يوشۇرۇن خەۋپ قالدۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىمىز

2015.06.11 10:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرى ياڭ چۈەنتاڭ تۈنۈگۈن ئىزدەش نەق مەيدانىدىكى «سۇ يولى 1- نومۇرلۇق» قوماندانلىق پاراخوتىدا خىزمەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى ئىزدەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قازا قىلغانلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

  ياڭ چۈەنتاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى مەركىزىي خىزمەت-قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ تېپىش، خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى ۋە ئېھتىياتچان تەپسىلىي بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلى بىلەن ۋەقە يۈز بەرگەن پاراخوتنى ئەستايىدىل تازىلاپ، ھەر بىر بۆلمىدىكى بۇلۇڭ پۇشقاقلارغىچە تەكشۈرۈپ، تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، پېچەتلەش، قىلچە يوچۇق قالدۇرماسلىق، قىلچە يوشۇرۇن خەۋپ قالدۇرماسلىق، قايتا تەكشۈرۈش ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان قىلىش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غەۋۋاسلارنى داۋاملىق تەشكىللەپ پاراخوت چۆكۈپ كەتكەن سۇ ساھىلىغا چۈشۈرۈپ، لىنىيە بويىدىكى سۇ ساھىلىدا ئىزدەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. دەريا بويىدىكى دېڭىز ئىشلىرى تارماقلىرى ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىزدەش خىزمىتى ئەھۋالىنى كۈندە دوكلات قىلىپ، جەسەت بايقالغان ھامان دوكلات قىلىش كېرەك.

  يېقىنقى ھاۋا رايى ئەھۋالىغا قارىتا، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ھەر قايسى ئورۇنلاردىن ھاۋا رايى، سۇ ئەھۋالى ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، سۇ چېنى ئۆزگىرىشى ۋە ناچار ھاۋا رايىنىڭ ئىزدەش خىزمىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرىدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دېڭىز قاتنىشىغا داۋاملىق تەشكىللەپ، رايون خاراكتېرىلىك سۇ قاتنىشى تەرتىپىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر