باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شەخسلەر

داڭلىق چولپىنىمىز خۇرشىدە تۇردى 4-قېتىم «ئالتۇن سۇمرۇغ» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2015.06.11 17:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) تەڭرىتاغ كىنو ستودىيەسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 7-ئىيۇن چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن 15-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئورۇنلاش سەنئىتى جەمئىيىتى مۇكاپاتى «ئالتۇن سۇمرۇغ مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ كىنوچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇرشىدە تۇردى «سېنىڭ قۇياشىڭ، مېنىڭ ئايىم» ناملىق ئەسىرى بىلەن جۇڭگو كىنو ئورۇنلاش سەنئىتى جەمئىيىتى مۇكاپاتى «ئالتۇن سۇمرۇغ مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى، بۇ ئۇنىڭ مۇشۇ مۇكاپاتقا 4-قېتىم ئېرىشىشى بولۇپ قالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، «ئالتۇن سۇمرۇغ» مۇكاپاتى مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە جۇڭگو دۆلەتلىك رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تەستىقلىغان، جۇڭگو كىنو ئورۇنلاش سەنئىتى جەمئىيىتى باشقۇرغان، نوپۇزلۇق ھەمدە كەسپىي بولغان باھالاش پائالىيىتى بولۇپ، جۇڭگو كىنوچىلىق ساھەسىدە نوپۇزى، كەسپچانلىقى ۋە كەڭ تەسىر دائىرىسى بار. «ئالتۇن سۇمرۇغ» مۇكاپاتى «ئەخلاق ۋە سەنئەتتە تەڭ ياخشى بولۇش»تەك باھالاش ئاساسىي مەقسىتىنى گەدىلەندۈرىدىغان بولۇپ، باھالاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگو كىنو ئورۇنلاش سەنئىتى جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن تۈزۈلگەن، كەسپىي نۇقتىدىن چىقىپ، مەملىكەت بويىچە ئىلغار كىنو ئارتېسلىرىنىڭ داۋاملىق ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلغان. «ئالتۇن سۇمرۇغ» مۇكاپاتى ھەر ئىككى يىلدا بىر تارقىتىلىدۇ.

  خۇرشىدە تۇردى دىيارىمىزدىكى داڭلىق سەنئەتكار، رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى، ئۇ 16يېشىدىن باشلاپ كىنو ئىشلەشنى باشلىغان بولۇپ، 37يىللىق كىنوچىلىق ھاياتىدا نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. «سېنىڭ قۇياشىڭ، مېنىڭ ئايىم» ئۇ ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى رول ئالغان ۋە ئۆزى ئىشلىگەن فىلىم بولۇپ، بىر قىسىم ئائىلىلەردىكى مېيىپ بالىلارنى تاشلىۋېتىدىغان ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق، كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر