- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ب د ت تىنچلىق ساقلاش خادىملىرى جىنسىي سەتچىلىككە چېتىلىپ قالدى
2015.06.11 17:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ب د ت ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر قىسىم ب د ت تىنچلىق ساقلاش خادىملىرى ھايتىدا 200دىن ئارتۇق ئايال بىلەن جىنسىي سودا قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بەدىلىگە ئاياللارغا يېمەكلىك، دورا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى بەرگەن. دوكلاتتا يەنە تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ جىنسىي ئىكسىپىلاتاتسىيە قىلمىشلىرىنىڭ سانى بەك تۆۋەن مۆلچەرلەنگەنلىكى كۆرسىتىلدى.
بۇ دوكلاتنى ب د ت ئىچكى قىسىم نازارەت ئىشلىرى نازارىتى تەييارلىغان بولۇپ، بۇ ئاينىڭ ئاخىرى رەسمىي ئېلان قىلىنماقچى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 9-ئىيۇن دوكلاتنىڭ قىسمەن مەزمۇنىنى ئالدىن ئاشكارىلىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر