باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىق مۇسابىقىسى ۋە قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە باشلاندى

2015.06.11 17:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىق مۇسابىقىسى ۋە 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقە «ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، ئىناقلىق، جۇڭگو ئارزۇسى»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، ئىسلام ئەقىدىلىرىگە قارىتا چوڭقۇر چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 28نەپەر ۋەز-تەبلىق سۆزلىگۈچى ۋە 25نەپەر قۇرئان ئوقۇغۇچى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشتى.

  ۋەز-تەبلىق ئاساسلىقى نەسىھەت مەنىسىدە بولۇپ، ۋەز-تەبلىق سۆزلەش ئىسلام دىنىنىڭ مۇسۇلمانلار ياقتۇرىدىغان ئەنئەنىۋىي تەشۋىقات ئۇسۇلى. بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈش ئاساسلىقى ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، تىنچلىق، كەڭ قورساقلىق، مېھرىبانلىق قاتارلىق ئاساسىي روھىنى كەڭ جارىي قىلدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تېخىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىپ، مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى توغرا چۈشىنىشكە پائال يېتەكلەپ، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش روھىنى جارىي قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، بايرىقىمىز تېخىمۇ روشەن ھالدا ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا يېڭى تۆھپە قوشۇشنى مەقسەت قىلغان.

  مۇسابىقىدە ماھىرلار تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چىقىپ، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقنى قەدىرلەيدىغان، دۆلەتنى، دىننى سۆيىدىغان، قانۇن ئىنتىزامغا بويسۇنىدىغان، كەڭ قورساق، ئوتتۇرا يول تۇتىدىغان، ئەسەبىيلىككە قارشى، مەدەنىيەتكە، ئىلىم-پەننى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاساسىي روھىنى چوڭقۇر شەرھىيلىدى. مەملىكەت بويىچە قىسمەن ئۆلكە-رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى، شىنجاڭ ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلاردىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق كىشى مۇسابىقىنى ئاڭلىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر