باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل 12 دىن ئارتۇق دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە ئاۋاز قوشتى، تۈر تونۇشتۇرۇش ئاساسلىق ئۇسۇلغا ئايلاندى

2015.06.10 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇداپېشتتا ۋېنگىرىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە تاشقى ئىقتىساد مىنسىتىرى سىيار بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇش چۈشىنىش ئەسلەتمىسى» ئىمزالىدى.بۇ جۇڭگونىڭ ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىمزالىغان تۇنجى مۇشۇ خىلدىكى ھەمكارلىق ھۆججىتى بولۇپ، ھۆججەتنىڭ ئىمزالىنىشى ھەر دۆلەتلەرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بەرپا قىلىشى جەھەتتە يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. يېقىندىن بۇيان، كورىيەنىڭ مەخسۇس زىيارەت گۇرۇپپىسىنىڭ جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ بىر يول»قۇرۇلۇشى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتنى قانات يايدۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ 1-ياردەمچى دۆلەت كاتىپى چارلىد خوللاند دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنى زىيارەت قىلدى ھەم «بىر بەلباغ بىر يول»توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى، سىرتتىكىلەرنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول»ئىستراتېگىيەسىگە قىزىقىشى ھەم قاتنىشىشى كۈنسېرى كۈچەيدى.

  خەلق مالىيەسىنىڭ تولۇق بولمىغان ئىستاتېستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، روسىيە، گېرمانىيە، ۋېنگىرىيە، قازاقىستان قاتارلىق 12 دىن ئارتۇق دۆلەت «بىر بەلباغ بىر يول»ئىستراتېگىيەسىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىقتىساد -سودا ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈپ -تەتقىق قىلىش، تۈر تونۇشتۇرۇش دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول»ئىستراتېگىيەسىگە قاتنىشىشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلىغا ئايلاندى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر