باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز دەرسىلىك ماتېرىيال باھاسى ۋە قىسمەن مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش ھوقۇقىنى ئۆلكە دەرىجىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ

2015.06.10 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى، بېيجىڭ، 9- ئىيۇن تېلېگراممىسى. مۇخبىرىمىزنىڭ 9- ئىيۇن دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، ئاخبارات نەشرىيات، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بىلەن يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دەرسلىك ماتېرىيال باھاسى ۋە قىسمەن مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش ھوقۇقىنى ئۆلكە دەرىجىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىغا چۈشۈپ بېرىشنى قارار قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۆلكە دەرىجىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىغا چۈشۈپ بېرىلگەن باھا بېكىتىدىغان تۈرلەر:دەرىسلىك ماتېرىيال باھاسى، يەنى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ كىتاب مۇندەرىجىسىدىكى دەرسىلىك كىتاب ۋە باھالاپ ئېلان قىلغان مۇندەرىجىدىكى قۇشۇمچە تەكرار ماتېرىيالى باسما تاۋاق ئۆلچەملىك باھاسى؛ جامائەت گۇۋاھلىقى مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش؛ ئەدلىيەلىك بېكىتىش مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش.

  بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئىشلىتىلىدىغان كىتاپلار مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن دەرىسلىك كىتابلار ۋە باھالاپ ئېلان قىلغان مۇندەرىجىدىكى قۇشۇمچە تەكرار ماتېرىيالى باسما تاۋاق ئۆلچەملىك باھاسى ۋە پارچە سېتىش باھاسىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باھا باشقۇرۇش تارماقلىرى تەڭ دەرىجىلىك نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن ئاز پايدا ئېلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ؛ جامائەت گۇۋاھلىقى مۇلازىمىتى، ئەدلىيەلىك بېكىتىش مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھا باشقۇرۇش تارماقلىرى تەڭ دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن ئادىل بولۇشقا پايدىلىق، ئەدلىيە بېكىتىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ئېتىبار بېرىش پىرىنسپىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر