باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭنىڭ ئومۇمىي سايلام قانۇن لايىھەسى ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا ئۇيغۇن ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق

2015.06.10 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن، شياڭگاڭ دېموكراتىك تەرەققىياتتا تارىختىكى ئەڭ مۇھىم پەيتنى كۈتۈۋالىدۇ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى سۇنغان باش مەمۇر ئومۇمىي سايلام قانۇن لايىھەسى قانۇن چىقىرىش كېڭىشىدا قاراپ چىقىشقا، ئاۋازغا قويۇلىدۇ. ئومۇمىي سايلام قانۇنى ئاساسىي قانۇن ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارلىرىغا ئۇيغۇن بولۇپ، پىكىر ئېلىش مەزگىلىدىكى شياڭگاڭ جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە ۋە خەلقنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن، ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا ئۇيغۇن ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق. بۇ شياڭگاڭ تارىخىدىكى ئەڭ دېموكراتىك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى شۇنداقلا شياڭگاڭنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئەڭ مۇۋاپىق، ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان تۈزۈم جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىشى ھېسابلىنىدۇ.

  ئومۇمىي سايلام قانۇن لايىھەسىنىڭ قانۇنلۇقلىقى ۋە توغرىلىقىغا شەك كەتمەيدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىلىنىدىغان يەرلىك مەمۇرىي رايونى، ئۇنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى باش مەمۇرنى سايلاش چارىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەممىسىنى مەركىزىي ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنى بويىچە بېكىتكەن، مەركەزنىڭ باش مەمۇرنى ئومۇمىي سايلاش تۈزۈمىگە قارىتا يېتەكلەش ۋە بەلگىلەش ھوقۇقى بار. ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ئومۇمىي سايلام قانۇن لايىھەسى ئاساسىي قانۇن ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇلتۇر چىقارغان «31-ئاۋغۇست» قارارلىرىنى ئىزچىللاشتۇرغان بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ ئومۇمىي سايلىمىغا بولغان ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرىشىدۇر، ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا ئۇيغۇنلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر