باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مائارىپ

2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى

2015.06.29 12:23   مەنبە: مەركىزى تېلېۋىزىيە تورى

2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى 26-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى چىقىرىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىنى ئېلان قىلدى.

  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى تۆۋەندىكىچە:

  ئاز سانلىق مىللەت تىلى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە)دا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 424 (ماتېماتىكا نەتىجىسى 30)، تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 394 (ماتېماتىكا نەتىجىسى 29)، تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ (ماتېماتىكا نەتىجىسى 28)، مەخسۇس كۇرس 1-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 354، مەخسۇس كۇرس 2-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ؛ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 334 (ماتېماتىكا نەتىجىسى 35)، تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 304 (ماتېماتىكا نەتىجىسى 34)، تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ (ماتېماتىكا نەتىجىسى 31)، مەخسۇس كۇرس 1-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 257؛ مەخسۇس كۇرس 2-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ.

  خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 404، تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 314، تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ؛ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 386، تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 330، تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ؛ ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1-، 2 -تۈركۈملەردە ۋە تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1-، 2-تۈركۈملەردە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ.

  قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغانلارنى ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 380، تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 334، تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ؛ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 427، تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 389، تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ؛ ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1-، 2 -تۈركۈملەردە ۋە تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1-، 2-تۈركۈملەردە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ.

  ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى تۆۋەندىكىچە: ئاز سانلىق مىللەت تىلى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە) دا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق كۇرس 1-، 2-تۈركۈملەردە قوبۇل قىلىشتىكى كەسپىي ماھارەت ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 77، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 160؛ مەخسۇس كۇرسقا قوبۇل قىلىشتا كەسپىي ماھارەت ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 72، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 150. خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغانلار خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئاساسىدا قوبۇل قىلىنىدۇ.

  ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى تۆۋەندىكىچە: ئاز سانلىق مىللەت تىلى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە) دا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق كۇرس 1-، 2-تۈركۈملەردە قوبۇل قىلىشتىكى كەسپىي ماھارەت نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 119 ؛ مەخسۇس كۇرسقا قوبۇل قىلىشتا كەسپىي ماھارەت نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 108 . خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغانلار خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئاساسىدا قوبۇل قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى
      ·بېيجىڭدا يەنە 39 قانۇنسىز مەكتەپ بايقالدى
      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى 
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
      ·شىنجاڭ 24-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىدۇ، 26-ئىيۇن ئەتراپىدا ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلىنىدۇ، 9مىليون420مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان
      ·مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ