باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزى كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «قانۇن ياردىمى بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى

2015.06.30 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزى كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «قانۇن ياردىمى بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  «قانۇن ياردىمى بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»نىڭ تولۇق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  قانۇن ياردىمى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار پۇقرالار ۋە ئالاھىدە دېلولاردىكى ئالاقىدار تەرەپنىڭ زۆرۈر قانۇندىن مەسىلھەت سوراش، ۋەكالەتچىلىك، جىنايى ئىشلار بويىچە ئاقلاش قاتارلىق ھەقسىز قانۇن مۇلازىمىتى، ئالاقىدار تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتى، قانۇننىڭ توغرا يولغا قويۇلۇشى، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى قوغدايدىغان مۇھىم قانۇنىي تۈزۈمى. قانۇن ياردىمى خىزمىتى بىر تۈرلۈك مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار «قانۇن ياردىمى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن ياردىمىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رولىنى جارى قىلدۇردى. بىراق ئامما بولۇپمۇ ئالاھىدە قىيىنچلىقى بار ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان قانۇن ياردىمى ئېھتىياجىغا سېلىشتۇرغاندا، قانۇن ياردىمى خىزمىتىدە تۈزۈم ۋە كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزىمى مۇكەممەل بولماسلىق، ياردەم بېرىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش مەسىلىسى ساقلانماقتا. ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش زور ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ياردىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر