باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

46 مەركەز تارمىقىنىڭ خامچوت ئىجرا ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

2015.06.30 09:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، مەركەزنىڭ 46 تارماق ئورنىنىڭ 2014-يىللىق خامچوت ئىجرا ئەھۋالى ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش نەتىجىسىنى ئۇقتۇردى. ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىلىرىدىكى تەلەپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماق ئورۇنلارنىڭ مالىيە-ئىقتىساد ئىنتىزامىنى ئىجرا قىلىش ئاڭلىقلىقى ۋە قېلىپلاشتۇرۇش روھى زور دەرىجىدە ئۆسكەن، بولۇپمۇ تارماقلارنىڭ ئۆز دەرىجىلىك بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلىرى زور دەرىجىدە ئازايغان. لېكىن بىر قىسىم تارماق ياكى ئۇلارغا قاراشلىق ئورۇنلاردا خامچوتنى ئويدۇرۇپ دوكلات قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشتا توغرىلىق، قېلىپلاشتۇرۇش يېتەرلىك بولماسلىق، خامچوت باشقۇرۇشى قاتتىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، مەركەز مالىيەسىنىڭ ئۆز دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجەت ئومۇمىي چىقىمى يىلمۇ-يىل ئازايغان، بۇ يىللىق خامچوتى يەنىمۇ ئازىيىپ ئالتە مىليارد 316 مىليون يۈەنگە چۈشكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر