باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۆھبەتلەشتى

2015.06.30 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك سۆھبىتىنىڭ ئاخىرقى مۇددىتى توشۇش پەيتىدە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەررىف ئۈلۈشكۈن ۋېنادا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سۆزلىشىشنىڭ تۇنجى سۆھبىتىنى ئۆتكۈزدى.

  ئاۋسترىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىر ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت بىلەن ئىراننىڭ تەخمىنەن 250 تېخنىكا مۇتەخەسسىسى ۋە دىپلوماتى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھۆججىتى ئۈستىدە تېخنىكىلىق كېڭەشكەن. ئىراننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھاراقچى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى ھەرىكەت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سىمىت باشچىلىق قىلىپ، ئالتە دۆلەت بىلەن ئىران ئارىسىدا تېخنىكىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ماسلاشتۇرىدىكەن.

  ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، زەررىف ئۈلۈشكۈن: غەرب ئەللىرى زىيادە تەلەپ قويمىسىلا، مۆھلەتتىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ئۈمىد بار دېگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر