باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ماكرولۇق تەڭشەپ كونترول قىلىش نەتىجىلىرى

2015.06.30 11:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى: ئۈلۈشكۈن جۇڭگو خەلق بانكىسى: 28-ئىيۇندىن باشلاپ يېزا ئىگىلىك، يېزا ۋە دېھقانلار ياكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بەرگەن قەرز پۇلى بەلگىلىك ئۆلچەمگە يەتكەن سودا بانكىلىرىنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنى 0.5 پوئىنت چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئامانەت قەرز پۇلى ئۆلچەملىك نىسبىتى 0.25 پوئىنت چۈشۈرىلىدۇ، بۇ پۇل سىياسىتىدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان نىشانلىق ئۆلچەم نىسبىتى بىلەن ئۆسۈمنى تۇنجى قېتىم تەڭ چۈشۈرۈشى.

  نېمە ئۈچۈن نىشانلىق ئۆلچەم نىسبىتى بىلەن ئۆسۈم تەڭ چۈشۈرىلىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ھەرقايسى تەرەپلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولدى، جۇڭگو خەلق بانكىسى تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لۇ لېي مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى سىياسەتنى تەڭشەشنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكىدە مىقدار تىپىدىكى قورال بىلەن باھا تىپىدىكى قورالنى تەڭ ئىشلىتىش ، ئومۇمىي مىقدار خاراكتىرىدىكى سىياسەت بىلەن قۇرۇلما خاراكتېرلىق سىياسەتنى تەڭ يولغا قويۇش، ئالدىن تەڭشەش بىلەن ئازراق تەڭشەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش گەۋدىلەندى. 28-ئىيۇندىن باشلاپ پۇل ئامانەت تەييارلىق فوندى نىسبىتى بىلەن ئامانەت پۇل، قەرز پۇل ئۆلچەملىك ئۆسۈم نىسبىتىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىش ئىلگىرىكى مىقدار تىپىدىكى قورال ۋە باھا تىپىدىكى قورالنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشتەك مەشغۇلات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ماكرو ئىگىلىكى ھەرىكىتى ۋە پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنىڭ تولۇق تەڭپۇڭلىقىنى نامايەن قىلدى، ئۆسۈمنى چۈشۈرۈش ــ ئومۇمىي مىقدار خاراكتىرلىك ماكرولۇق تەڭشەپ كونترول قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ، نىشانلىق ئۆلچەم چۈشۈرۈش مەخسۇس يېزا ئىگىلىك، يېزا ۋە دېھقانلار شۇنداقلا كىچىك مىكرو كارخانىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان پۇل مۇئاملە ئاپپاراتلىرىغا يۈزلەنگەن ، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ئاجىز ھالقىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىلىدۇ.

  نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىم ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىش ئەمەس ،نىشانلىق تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ؟ قاتناش بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ليەن پىڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاساسلىق سەۋەب نۆۋەتتە ئومۇمى يۆتكىلىشچانلىق ئاز ئەمەس، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا بانكا سىستېمىسىدا نورمىدىن ئارتۇق تەييارلىق فوندى ئىزچىل 3 تىرىليون يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ كەلدى، پۇل بازىرىدىكى ئۆسۈم ناھايىتى تۆۋەن بولدى، نۆۋەتتىكى ئاساسلىق مەسىلە ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۆسۈم نىسبىتى يەنىلا يۇقۇرى سەۋىيەدە تۇرماقتا، نىشانلىق تۆۋەنلىتىش مەبلەغنىڭ يۈرۈشۈش يۆنلىشىنى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ساھەگە قاراتمىلىق ئېلىپ كىرىشكە پايدىلىق، شۇنداقلا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسىبتىنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىش كەلگۈسىدە ئامانەت پۇل ۋە قەرز پۇلنى سېلىشتۇرۇپ باھالاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ ئورنىغا دەسسەيدۇ.

  ليەن پىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىم تەييارلىق فوندى نىسبىتى ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ــ مۇقىم ئاشۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولۇش، گەرچە 5-ئايدا قىسمەن ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچ ئۆرلەپ نۆۋەتتە ئىقتسىادى ھەرىكەتتە مۇقىم ئېشىش بىشارىتى كۆرۈلگەن بولسىمۇ ئەمما ئىقتسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى يەنىلا ئىنتايىن چوڭ، گەرچە نامدىكى قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ ئەمما ئەمەلىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى يەنىلا ئىنتايىن يۇقۇرى، بۇ قېتىم ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى ۋە ئۆسۈم نىسبىتىتىنى تۆۋەنلىتىش ئاساسلىقى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ،مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئېىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈندۇر.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر