باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2015.06.25 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئالاقە تورى+»ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، ئىقىتسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش تېزلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئىشتا يارىلىنىش ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكى يەنىمۇ يىنىكلىتىش قارار قىلىندى؛ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمە قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو سۇغۇرتىغا مەبلەغ سېلىش فوندى تەسىس قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودا بانكىسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى(دەسلەپكى لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 24- ئىيۇن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ رىياسەتچىلىكىدە 24- ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، «ئالاقە تورى+»ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، ئىقىتسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش تېزلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئىشتا يارىلىنىش ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكى يەنىمۇ يىنىكلىتىش قارار قىلىندى؛ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمە قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو سۇغۇرتىغا مەبلەغ سېلىش فوندى تەسىس قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودا بانكىسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى(دەسلەپكى لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى:ئالاقە تورى بىلەن ھەر ساھەنىڭ چوڭقۇر بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پۇقرالارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ تەلىپى بويىچە، يىغىندا «<ئالاقە تورى+>ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى» ماقۇللىنىپ،

  «ئالاقە تورى+»نى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش، ھەمكارلىشىپ ياساش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئەقلىي ئېنېرگىيە مەنبەسى، ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىلىدىغان پۇل مۇئامىلە، جامائەت مۇلازىمىتى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوبورت، ئېلېكتىرونلۇق سودا، قولايلىق قاتناش، يېشىل ئىكولوگىيە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق بىر قانچە يېڭى كەسپ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرەلەيدىغان مۇھىم ساھەلەرنى راۋاجلاندۇرۇش نىشان ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم ئالاقىدار مەدەت بېرىش تەدبىرلىرى مۇقىملاشتۇرۇلدى. بىرىنچى «ئالاقە تورى+»نىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان نامۇۋاپىق تۈزۈم، سىياسەتلەرنى تەرتىپكە سېلىپ، بىرىكىشچان مەھسۇلاتلار ۋە مۇلازىمەت بازىرى ئىجازىتىنى بوشىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ بىرىكىپ تەرەققىي قىلىشىغا كەڭ ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش. ئىككىنچى «ئالاقە تورى+»غا تىرەك بولىدىغان ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدىغان يېڭى قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يادرولۇق ئۈزەك، ئالىي مۇلازىمېتىر قاتارلىقلارنى ياساش ۋە بۇلۇت ھېسابلاش، زور سانلىق مەلۇمات قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىش. ئۈچىنچى، «ئالاقە تورى+»نىڭ ئوچۇق، ئورتاق پايدىلىنىش سۇپىسى قۇرۇپ، جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى قاتارلىق جامائەت سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارا پايدىلىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسىنى كارخانىلار بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا تور لىنىيەسىدە ئېچىۋېتىشكە مەدەت بېرىش. تۆتىنچى «ئالاقە تورى+»نىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ بۇلۇت ھېسابلاش مۇلازىمىتىنى سېتىۋىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كىرىدت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، پاي ھوقۇقىنى پۇقرالار جۇغلاش قاتارلىقلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورى كارخانىلىرىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشىغا مەدەت بېرىش. بەشىنچى بىخەتەرلىكنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەۋپ خەتەرنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تور ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئادىل رىقابەتلىشىشنى قوغداش. «ئالاقە تورى+»دىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاش، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولۇش.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر