باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بېلگىيە پادىشاھى فىلىپ بىلەن سۆھبەتلەشتى

2015.06.25 09:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23-ئىيۇن خەلق سارىيىدا بېلگىيە پادىشاھى فىلىپ بىلەن سۆھبەتلەشتى . ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - بېلگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك باھا بەردى، داۋاملىق ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز-ئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەش، ئەمەلىي ھەمكارلىقىدىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىش، خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگو - بېلگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بېلگىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بېلگىيەنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى دەپ قارايدۇ، بېلگىيە بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ساقلاپ، جۇڭگو - بېلگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دوستلۇق چوڭ يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەشنى خالايدۇ . جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بېلگىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللايدۇ، تېخىمۇ كۆپ بېلگىيە كارخانىلىرىنىڭمۇ جۇڭگونى 2- بازىرى قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى بىلەن ئانتۋېرپ تۆمۈر يولنىڭ ئۆز ئارا ئالاقىسىغا مەدەت بېرىدۇ، بېلگىيەنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياۋروپا ستراتېگىيىلىك مەبلەغ سېلىش پىلانى ۋە پان ياۋروپا تۆمۈر يول تورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .

  شى جىنپىڭ مۇنداپ دەپ كۆرسەتتى : بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە كېڭەيتىشى يەر شارى بويىچە ئەڭ مۇھىم بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . جۇڭگو بىلەن ياۋروپا جۇڭگو – ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تۆت چوڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىسىنى قوغداپ، مەدەنىيەتلەر ئارا سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىناق بىللە تۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك . بېلگىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت ۋە باش ئىشتابى تۇرۇشلۇق جاي، جۇڭگو بېلگىيەنىڭ جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدا ئاۋۋالقىدەكلا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ فىلىپقا جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىنى تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : جۇڭگو بېلگىيەنىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئىجابىي ئارزۇسىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، بېلگىيەنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ بېلگىينىڭ قاتنىشىشىنى قوبۇل قىلىشنى ئالدى بىلەن ئويلىنىشىنى قوللايدۇ.

  فىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن بېلگىيە پادىشاھى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جۇڭگونى تۇنجى بولۇپ زىيارەت قىلىدىغان دۆلەت قىلىپ تاللىدىم، بۇ بېلگىيەنىڭ بېلگىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بېلگىيەدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى . بېلگىيە جۇڭگونىڭ « بىر بەلباغ بىر يول » تەشەببۇسىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگونى ياۋروپادىكى ئىشەنچلىك شېرىكى دەپ قارايدۇ ، ئۆز ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ياۋروپاغا كىرىشىدىكى كۆۋرۈك بولۇشنى خالايدۇ .

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ئالەم قاتنىشى، تاموژنا، پەن - تېخنىكا، يەرلىك ھەمكارلىق، يادرو يېقىلغۇسى، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا شاھىد بولدى . سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا فىلىپنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى .


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر