باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

بۇ يىل مەركەز 2- قېتىملىق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدىغان 26 ئورۇننى بېكىتتى

2015.06.24 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇنجى قېتىمدا تۈمۈريول سىستېمىسى تەكشۈرۈلىدۇ

  مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 23- ئىيۇن كەچ بۇ يىل مەركەز 2- قېتىملىق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدىغان 26 ئورۇننى ئېلان قىلدى، قاتناش سىستېمىسى بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى بىرى ئىكەن، قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىدىن سىرت، پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى، تۈمۈريول ئىدارىسى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن سىرت، جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە گۇرۇھى، جۇڭگو تۈمۈريول باش شىركىتى قاتارلىقلار ئورۇنلارمۇ تەكشۈرۈش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەزنىڭ تۈمۈريول سىستېمىسىنى تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، خۇارۇن گۇرۇھى، جۇڭگو ئاليومىنچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركەز كارخانىلىرىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تەكشۈرۈلگەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە تېخىمۇ مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تۆت جەھەتتىكى مەسىلىسى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىكەن. 2- قېتىملىق تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدىغان 26 ئورۇن بېكىتىلدىتۇنجى قېتىم تۈمۈريول سىستېمىسى تەكشۈرۈلىدۇ.

  23- ئىيۇن ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، مەركەزنىڭ كۈزىتىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك – ئورۇنلاشتۇرما يىغىنى 23- ئىيۇن ئېچىلغان. مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2015- يىلى مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق تەكشۈرۈشى مەخسۇس قانات يايدۇرۇلىدىغان 26 ئورۇن بېكىتىلگەن. 26 ئورۇننىڭ ئىچىدە 7 پارتىيە- ھۆكۈمەت ئورگىنى بولۇپ، مەركىزى كومىتېت تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەت تۈمۈريول ئىدارىسى، جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ۋە گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى.

  يەنە ئىككى تاراتقۇ ئورگىنى خەلق گېزىتخانىسى بىلەن ھەقىقەتتىن ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ژورنىلى تەھرىراتى مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق كەسپىي ئورۇن. (شىنجاڭ گېزىتى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر